UyghurMain Dictionary
بيبلوس خارابىسى
دۇنيا تارىخى
فىنىكىيە دەۋرىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى. لىۋاننىڭ پايتەختى بېيروتنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويىدىكى شەھەر بيبلوس. 1921 - 1924-يىللىرى ۋە 1926 - 1932-يىللىرى قېزىلغان. كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تۇرالغۇلارنىڭ ئىزلىرى ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تۇرالغۇلارنىڭ ئىزلىرى ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تۇرالغۇلارنىڭ خارابلىرى ھەمدە قەبرىلەر تېپىلغان. برونزا قورال دەۋىردىن بۇرۇنلا خېلى قېلىن شەھەر سېپىلى بولغان. مىلادىدىن 2800 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى سېلىنغان مۇقەددەس قەسىرلەر فىنىكلار سالغان ئەڭ بۇرۇنقى مۇقەددەس قەسىر بولۇپ، بۇلار كېيىن كۆپ قېتىم ئۆزگە سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن رىم دەۋرىگە كەلگىچە ئۇلارنىڭ ئورنى قوزغىتىلمىغان. قېزىۋېلىنغان كۆپلىگەن ئويما يېزىقلار ۋە پالېرمو تاش ئويمىلىرى مىسىر بىلەن ئالاقە قىلىشقانلىقىنى، مىسىرنىڭ كېمە ۋە قەبرە ياساش ھەمدە پۇراقلىق مايلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا زۆرۈر بولغان شەمشاد ماتېرىياللىرىنى بيبلوس تەمىنلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. برونزا قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قەبرىدىن تېپىلغان <ئاھرام تاش تاۋۇتى> (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەر) قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەھەر مىلادىدىن 1190-يىل ئىلگرى <دېڭىز ئاھالىلىرى> تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا رىم دەۋرى ۋەئەھلىسەلىپ دەۋىگە ئائىت بولغان خارابىلەرنىڭ پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان.