Lughet
DictionaryChinese注意力
ChineseUyghurMain Dictionary

注意力

پسىخولوگىيە دىققەت قابىلىيىتى بۇ كىشىنىڭ پسىخىك پائالىيەتنى مۇئەييەن ئوبيېكتقا قارىتىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش قابىلىيىتى يەنى، دىققەت قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. نېرۋا پائالىيىتىنڭ كۇچلۈك - ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇق پەرقى دىققەت تەرەققىياتنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسىي. ھازىرىقى زامان نېرۋا پسىخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆپىنچە ئۇنى ئادەتتىكى ئويغاقلىق سەۋىيىسى ھېسابلاپ ھەر خىل پسىخىك جەريانىلارنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ماڭلاي بۆلۈكىنىڭ روللىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ، دىققەت قابىلىيىتى بىر كىشىنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەزىلىتى بىلەن قابىليىتى قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم ئامىلى. يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دىققەت قابىلىيىتى بولمىسا، كىشىنىڭ پسىخىك سەۋىيىسى بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. دېمەك، ئۇكىشىنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى سەۋىيىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم شەرت. دىققەت قابىلىيىتى ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس. شارائىتىنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيە ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى تامامەن مۇمكىن. تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىي پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتىنىشىش دىققەت قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ياخشى دىققەت قابىلىيىتى يۇكسەك بەرقارارلىق ۋە مەركەزلىشىشكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، دائىرىسى، بۆلۈنۈشى، كۆچۈشى، مۇقىملىقى جەھەتلەردىمۇ مۇھىم پەزىلەتكە ئىگە بولىدۇ. مائارىپ zhù yì lì دىققەت - ئېتىبار، دىققەت نەزەرDيېزىق - باسما zhù yì lì دىققەن نەزىرى، دىققىتى
Rate this entry

Same word in other sources

注意力ChineseEnglishGetWord Corpus注意力ChineseEnglishMain Dictionary

Related words

注意ChineseUyghur注意ChineseUyghur注意位ChineseUyghur注意键ChineseUyghur注意键ChineseUyghur注意位ChineseUyghur
← Search