UyghurMain Dictionary
سۈي يوڭجيەن
دۇنيا تارىخى
(1900 - 1976) چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. پىڭئەنبېيداۋ لۇڭچۈەن ۋىلايىتىدىن. ياش ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوتقۇزۇشنىڭ ئامالىنى تېپىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن. 1923 - يىلى يۈننەن ھەربىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1925 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خۇاڭپۇ ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن. بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا بېرىپ، يەرلىك چاۋشيەن مىللىتى ئارىسىدا ياپونغا قارشى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. 1945 - يىلى پخىنيانغا قايتىپ كېلىپ چاۋشيەن دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭ بولغان. 1948 - يىلى چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن باش قوماندان بولغان. شۇ يىلى 9 -ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن مىللىي مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان. چاۋشيەن ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسلىقى ھەربىي رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1953 - يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىككىنچى مارشالى دېگەن نام بېرىلگەن. شۇ يىلى مۇئاۋىن باش ۋەزىر قوشۇمچە مىللىي مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان. 1957 - يىلىدىن باشلاپ ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋېييۈەنجاڭى بولغان. 1972 - يىلى مۇئاۋىن رەئىس بولغان. پارتىيە ئىچىدە، 1956 - يىلىدىن باشلاپ ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى، سىياسىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.