UyghurMain Dictionary
قاراۋۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەمئىيەت، ئىدارىلەرنى قوغداش ئۈچۈن قويۇلغان مەخسۇم خادىم.
«پاترول»، «پوست» لار ھەربىي قوشۇنغا ئائىت ياكى قوراللىق ساقچىلاردىن بولىدۇ.
«پاششاپ»، «مىرشەپ» لەر كېچىلىك كۆزەتچىلىكنى ئاتقۇرغۇچى.
ياماندىن قاراۋۇل قويساڭ، ئوغرىغا يول ئوچۇق. پاترۇللار ھەربىي ئىنتىزامنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پوست ھوشيار بولسا، خەۋپ ئاز بولىدۇ. ئاغزىنى ئاچمايدىغان ئىت ياخشى كۆزەتچى بولالماس. جېسەكچى ئۈچ جىڭغا جاڭ چالدى. پاششاپ پايدىغا ئامراق. مىرشەپ تۈننىڭ ئەمىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پوست، ساقچى.
ئېرپان بىر ھازادىن كېيىن قورۇل ئېغىزىدىن بىخەتەر ئۆتۈپ كەتتى ۋە ئېگىزلىكتە قاراۋۇل بولۇپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە كىشىلىرىگە ئۇچراشتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ساقلىغۇچى، ھىمايە قىلغۇچى.