UyghurMain Dictionary
كىركوۋ
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1919) بۇلغارىيە ئىشچىلار ھەركىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. زىچ تەرەپدارلىرىنىڭ يولباشچىسى، يازغۇچى. 1879 - 1886 - يىللىرى روسىيىدە ئوقۇغان، روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1886 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1892 - 1895 - يىللىرى ۋېنادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان، ئاۋسترىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1895 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بۇلغارىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت ئورگان گېزىتى <ئىشچىلار گېزىتى>نىڭ تەھرىرى، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، كېيىن شۇجىسى بولغان. 1903 - يىلى بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (زىچ تەرەپدارلىرى) نى قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىكرىتارى بولغان. 1915 - يىلى 9 - ئايدا ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ سېممېرۋالد يىغىنىدا زىچ تەرەپدارلىرىغا ۋاكالىتەن خىتابنامىگە ئىمزا قويۇپ، سوتسىيال شوۋېنىزمنى سۆككەن. 1917 - يىلدىكى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇلغارىيە خەلقىنى روسىيە پرولېتارىياتىنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ <دوستلۇق ناخشىسى> ۋە <ئىشچىلار مارشى> دېگەن شېئىرلىرى، <سىياسىي زوئولوگىيە> دېگەنگە ئوخشاش ھەجۋىي ئەسەرلىرى بار.