Uyghur→ChineseMain Dictionary
تانا كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
塔纳湖
tǎ nà hú
ئېفىئوپىيىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل، ئابائىي دەرياسىنىڭ (كۆل نىل) باش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆل دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى يانار تاغ لاۋېلىرىنىڭ دەريا ۋادىسىنى توسۇۋلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1830 مېتر كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 75 كىومېتر، كەڭلىك 70 كىلومېترغا يېتىدۇ، مەيدانى پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ 3100-3600 كۋادرات كىلومېتر دائىرىسىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. 5 -، 6 - ئايلاردا سۇ ئورنى بەك تۆۋەنلەيدۇ، 9 - ئايدا ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 14 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 72 مېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇششاق ئېقىنلىرى بار. كۆلدە دېك قاتارلىق ئاراللار بار. كۆلدىن بېلىق تۇتۇش، سۇ قاتناش ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ. سۇ چىقىش ئاغزىدىكى يىللىق ئېقىم مىقدارى 4 مىليارد كۇپ مېترغا يېتىدۇ.