—Reference
جاڭجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
جاڭجۇ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېغىلىق دەۋرىدە يۆ بەگلىكىگە تەۋە بولغان، جىن سۇلالىسى ناھىيە تەسىس قىلغان، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ناھىيە، ئايماق مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا جاڭجۇلۇقلار تەيۋەنگە بارغان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەسلىي يۇرتلىرىنىڭ بىرى. قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شيەنتۇڭ نەنشەن ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، چېن يۈەنگۇاڭ قەبرىسى، فەنشەن قىزىل بىنا ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنى قاتارلىقلار بار. ئەتراپىدا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەقلىد قىلىپ سېلىنغان جاۋجيا قورغىنى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان تۇڭشەن قەدىمىي شەھىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي قەلئەسى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش كۆۋرۈك ۋە يۈندۇڭيەندىكى قىيا تاش ئويمىلىرى بار.