Uyghur→ChineseMain Dictionary
دىققەتنىڭ بەرقارارلىقى
پسىخولوگىيە
注意的稳定性
zhù yì de wěn dìng xìng
(دىققەتنىڭ مۇقىملىقى) بۇ مۇئەييەن بىلىش ئوبيېكتى ياكى مەلۇم خىلدىكى پائالىيەت ئۇستىدە دىققەتنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ تۇرالىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن : بىرەر خىمىيىۋى رېئاكسىيە جەريانى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆزىتىشتە پسىخىك پائالىيىتىمىز ئۇنىڭدىن نېرى كەتمىگەن بولسا، بۇ دىققەتنىڭ بەرقارارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىرەر پائالىيەت جەريانىدا دىققەت باشقا نەرسىگە بۇزۇلىۋەرسە ياكى سۇسلىشىپ كەتسە، مۇنداق دىققەت بىقارار (مۇقىمسىز) دىققەت دەپ ئاتىلىدۇ. دىققەتنىڭ بەرقارارلىقى دىققەت ئوبيېكتىنىڭ ئايرىم تەرەپ ياكى قىسمەن نۇقتىلىرىغا تىكىلگەن پېتى ئۆزگەرمەي قېتىپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇ دىققەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىپىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا دىققەت ئوبيېكتىنىڭ ھەر بىر تەرىپىگە قارىتىلىپ، مەركەزلىشىپ تۇرۇشتۇر. مەسىلەن: سىنىپتا دەرس ئۆتۈلۇۋاتقاندا، ئوقوغۇچىلارنىڭ دىققىتى ئوقوتقۇچىنىڭ تاختايغا يازغان خېتى، لىكسىيىسى، ئېكسپېرمىنتال تەجرىبىسى، تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ھامان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ دەل دىققەتنىڭ بەرقارارلىقىنىڭ ئىپادىسى. دېمەك، دىققەتنىڭ بەرقارارلىقى پسىخىك پائالىيەتنىڭ توختاپ قالغان ھالىتى ئەمەس، بەلكى دىققەتنىڭ مۇئەييەن ۋەزىىپسى دائىرىسىدە ئۇنىڭ كونكرېت ئوبيېكتقا نىسبەتەن ئاڭلىق ھالدا ئالمىشىپ تۇرىشىدۇر. شۇنداق بولغاندىلا ئادەمنىڭ دىققىتى ئۇزاق ۋاقىت مەلۇم بىر ئوبيېكتقا مۇقىملىشالايدۇ، دىققەتنىڭ بەرقارارلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئالدى بىلەن كىشىنىڭ دىققەت قابىلىيىتىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. لېكىن دىققەتنىڭ بەرقارارلىقىنىڭ دەرىجىسى يەنە دىققەت ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. نىسبەتەن ئاددىي، جىم تۇرغان ئوبيېكتقا نىسبەتەن دىققەتنىڭ بەرقارارلىقىنىڭ ساقلىنىشى تەس، مۇرەككەپ، يېڭى ۋە ئۆزگىرىشى زور بولغان ئوبيېكتقا نسبەتەن دىققەتنىڭ بەرقارارلىقى ئاسانراق ساقلىنىدۇ. دىققەتنىڭ بەرقارارلىقى كىشىنىڭ سوبيېكتىپ ھالىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن : ئۇيقۇسىزلىق، ھارغىنلىق، ئاغرىلپ قېلىش ۋە كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق دىققەتنى ئوڭايلا تارقاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ تېنى ساغلام، كۆڭلى ئازادە، روھى جۇشقۇن بولغاندا دىققەت ئوڭاي مۇقىملىشىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، دىققەت ئوبيېكتى كىشىنىڭ قىزىقىشى، ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق بولسا، بۇنىڭدىمۇ كىشى دىققىتىنىڭ بەر قارارلىقى ئوڭاي ساقلىنىدۇ.