UyghurMain Dictionary
بۇدداگايا
دۇنيا تارىخى
قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا بۇدساتۋانىڭ تاۋچاڭى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. بۇددىزمنىڭ مۇقەددەس جايى. ھازىرقى ھىندىستاننىڭ بىھار شتاتى فارگو دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى گايا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ساكيامونى مۇشۇ يەردىكى فىكوس دەرىخى تۈۋىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەرىقەت تەھسىل قىلغانىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە پادىشاھ ئاسوكا بۇ يەرگە چوڭ سەدىقە سارىيى سالدۇرغان. جۇڭگولۇق كانتا راھىب شۇەنزەڭنىڭ ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى< دا بىر قەدەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ئەڭ قەدىمكى ئاسار - ئەتىقىلەردىن مائۇرىيا خاندانلىقى دەۋرىدىكى ۋاجررا تەختى، ئۇنىڭدىن قالسا سەدىقە سارىيى ئەتراپىدىكى رېشاتكا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە سېلىنغان) لار بار بولۇپ، قەدىمكى زامان بۇددىزم نەپىس سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مىراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىن يەنە كىچىك مۇنارە، كىچىك ئىبادەتخانا، تاش ھەيكەل، ئابىدە تاختىلىرى قاتارلىقلارمۇ تېپىلغان، بۇلارنىڭ كۆپى پارا خاندانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلاردۇر. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان سەدىقە سارىى 1870-يىلى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگىنى بولۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. تۆۋەن قىسمىدا چوڭ بىر چاسا سۇپا بار. يۇقىرى قىسمىدىكى سۇپىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا چاسا سۇپا بار. يۇقىرى قىسمىدىكى سۇپىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا چاسا كونۇسسىمان چوڭ بىر مۇنار سېلىنغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 53 مېتىر كېلىدۇ، چوڭ مۇنارنىڭ تۆت بۇرجىكىدە چاسا كونۇسسىمان كىچىك مۇنارلىرى بار. بۇددا گويا ھازىرقى ھىندىستاندىكى تۆت چوڭ بۇددىزم مۇقەددەس ياداىكارلىقلىرىنىڭ بىرى.