UyghurMain Dictionary
چائادايېۋ
دۇنيا تارىخى
(1794 - 1856) روسىيە ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇغان. 1812-يىلدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. دېكابرىستلارغا يېقىنلاشقان. 1823-يىلى چەت ئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقان. 1826-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1836-يىلى سەككىز پارچە <پەلسەپە ئالاقىلىرى> ناملىق ماقالىسىنىڭ بىرىنىچ پارچىسىنى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى قاتتىق سۆككەن. ئەمما روسىيىنىڭ قالاق ھالەتتىن قۇتۇلۇش يولى ئىنقىلاب قىلىشتا ئەمەس. بەلكى، دۆلەت ئەخلاقىنى تەدرىجىي مۇكەمەللەشتۈرۈشتە دەپ قارىغان ھەمدە يانچىلىق تۈزمگە قارشى تۇرۇش نۇقتىئىنەزەرى بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىسىنى ئارىلاشۇرۇۋېتىپ، ئادەم ماددىي دۇنيا بىلەن مەنىۋى دۇنيانىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت، مەنىۋى دۇنيا ماددىي دۇنيانىڭ ئاساسىي مەنبەسى دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ تەلىماتى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى روسىيىدىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغان.