English→UyghurMain Dictionary
R.O.K.
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
Korea
كورىيە
بۈيۈك كورىيە ئاۋام دۆلىتى
كورىيىنىڭ تولۇق نامى <بۈيۈك كورىيە ئاۋام دۆلىتى> بولۇپ، شەرقىي ئاسىيانىڭ چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. شىمالدا 38 - پاراللېل ھەربىي چېگرا سىزىقى ئارقىىلق چاۋشىيەن بىلەن ئايرىلىپ تورىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى ؟؟ ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدا ماخەن، مۇخەن، چېن خەندىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك دۆلەت پەيدا بولۇپ، تارىختا <ئۈچ خەن>دەپ ئاتالغان. <ئۈچ خەن> دىكى <خەن> خېتى كورىيە تىلىدىكى تۇراقلىق سۆز <Han>نىڭ ئاھاڭ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ كورىيە تىلىدىكى مەنىسى<چوڭ،بۈيۈك> بولىدۇ. ئەينى چاغدا كورىيىدە يېزىق بولمىغاچقا بۇ بىر قانچە دۆلەت نامىنى يىزىقتا خاتىرلەشكە ئامالسىز قېلىپ، شۇ چاغدا ئۇمۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان خەنزۇچە يېزىقتا كورىيە تىلىنى خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،جۇڭگو تارىخىدىكى خەن دۆلىتىنىڭ نامىدىكى<خەن>؟؟ خېتىنى ئېلىپ ئىشلەتكەن، 1897- يىلى، چاۋشىيەن لى جەمەتى سۇلالىسى پادىشاھى لىشى (1852 - 1919)ئۆزىنىڭ فىئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش سەۋەبىدىن، دۆلەت نامىنى <بۈيۈك كورىيە ئىمپېرىيىسى>، قىسقىچە <بۈيۈك كورىيە> ياكى <كورىيە>گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىدۇ، لېكىن، بۇ <بۈيۈك كورىيە ئىمپېرىيىسى> ئىسمى ـ جىسمىغا ماس كەلمەي قالىدۇ. 1910 - يىلى 8 - ئايدا، چاۋشىيەننىڭ ۋەتەن ساتقۇچ خائىنى لى ۋەنيۇڭ قاتارلىقلار ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ <ياپونىيە ـ كورىيە بىرلىشىش شەرتنامىسى>نى ئىمزالايدۇ، چاۋشىيەن ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇپ، ياپۇن جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، لى جەمەتى سۇلالىسىنىڭ ھالاك بولغانلىقى جاكارلىنىدۇ. بۇ چاغدا، <كورىيە> دېگەن دۆلەت نامىمۇ قايتا مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇندىن كېيىن رايون نامى <چاۋشىيەن> بولۇپ ئەسلىگە كېلىدۇ. چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ئەسلى بىر پۈتۈن مەملىكەت بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئورۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سوۋېت ۋە ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ <38 - پارالېل> سىزىقى بويىچە چاۋشىيەننى ئايرىپ ئىگىلىشى ئارقىسىدا چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ئىككى بۆلەككە بۆلۈۋېتىلگەن. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كورىيە مىللىتى ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكچىلىكىدىن قۇتۇلىدۇ. 1948 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جەنۇبىي قىسمىدا <بۈيۈك كورىيە ئاۋام دۆلىتى> قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ. قىسقارتىلىپ كورىيە دەپ ئاتالغان.
كورىيەنىڭ يەر كۆلىمى 99مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 44مىليون 460مىڭ، ھەممىسىلا كورىئان. ئاساسىي دىنلاردىن بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىقلار بار. پايتەختى سېئول، پۇل بىرلىكى كورىيە ۋونى.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇنىدا ماخەن، موخەن ۋە چىڭخەندىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك دۆلەت پەيدا بولۇپ، تارىختا < ئۈچ خەن > دەپ ئاتالغان، قەدىمكى جۇڭگونىڭ چۈنجۇ دەۋرىدىكى خەنگو بەگلىكىدىكى <韩 > (خەن ) دېگەن خەتنىڭ ئاھاڭىدىن پايدىلانغان بولۇپ، كورىيە تىلىدا < بۈيۈك > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. < 韩 > ( خەن ) تەدرىجىي < دۆلەت > نىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرگەن. تارىختا كورىيە نەچچە قېتىم گۈللىنىپ ۋە چۈشكۈنلىشىپ، 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ياپونىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. ياپونىينىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، چاۋشىيەندىكى لى جەمەتى خاندانلىقى دۆلەت نامىنى < بۈيۈك كورىيە دۆلىتى > گە ئۆزگەرگەن. 1945 - يىلى، كورىيىلىكلەر ياپونىينىڭ مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان، لېكىن دۆلەت ئارىدىن ئىككى پارچىگە، مىللەت ئىككى بۆلەككە ئايرىلىپ كەتكەن. 1945 - يىلى ئاۋغۇسىتتا جەنۇبىي قىسىمىدا < بۈيۈك كورىيە دۆلىتى > قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئالەم ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدىغان بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراق كورىيىنىڭ كورى دەۋرىدىن تارقالغان بولۇپ، قەدىمكى جۇڭگودىكى خەن، تاڭ مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئالەم ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدىغان بۇ بايراق تويىن دىنىدىكى مۇزەككەر مۇھەننەسنى بىلدۈرىدىغان رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسىدىن كەلگەن. ئوتتۇرىدىكى يۇمىلاق رەسىم ئالەمنىڭ يەر ۋە ئاسماندىن پۈتكەنلىكىنى، كورىيە دۆلىتىدە بىرلا مىللەت بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلققە سىمۋول قىلىنغان؛ ئەتراپىدىكى رەمنىڭ تۆت سىمۋوللۇق بەلگىسى ھۆكۈمەتنى، ئاق رەڭ كورىيىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى بىلدۈرگەن.
ھىندى پەرەڭگۈلى كورىيىنىڭ دۆلەت گۈلى. بۇ گۈل ئېچىلغاندا نۇرغۇن گۈللەر ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىدۇ. بىر گۈل سولاشسا، باشقا گۈللەر ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلمەي ئېچىلىدۇ. شۇڭا، كورىيىلىكلەر ئۇنى < توزۇماس گۈل> دەپمۇ ئاتاپ، مەڭگۈ توزۇماس ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس مىللىي روھىغا سىمۋول قىلغان. دۆلەت گېربى پەرەڭگۈلنىڭ بەش بەرگىنى ئاساس قىلىپ، ئوتتۇرىسىغا ئالەم ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئەنئەنىۋى سۈرەت كىرگۈزۈلۈپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كورىيە مىللىي ئۇسلۇبنى جەۋلان قىلدۇرغان.