UyghurMain Dictionary
ئالتۇن تاج قەبرىستانلىقى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەننىڭ سېللا دەۋرىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىق. چىڭ شاڭبېيداۋ ۋاىلايىتىدىكى چىڭجۇ شەھىرى جەنۇبىي يولىنىڭ غەرب تەرىپىدە. 1921-يىلى تېپىلغان. ياپونلۇقلار كولىغان، قەبرىگە كىمنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس، قازغاندا ئالتۇن تاج چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. دەپنە شكلى جەھەتتە يەرنىڭ ئاستىغا چاسا ياغاچلار بىلەن تىك تەپەلىك گۆر ياسالغان. قەبرە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەنگەن، ئۈستىگە يەنە توپا ياتقۇزۇلۇپ، يۇمىلاق دۆڭ قەبرە ھاسىل قىلىنغان. ئاستىنىڭ دىئامېتىرى 45 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 12 مېتىر كېلىدۇ. گۆرنىڭ ئىچىگە سىرلانغان مېيىت ساندۇقى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچدىن ئالتۇندىن ياسالغان تاج قاتارلىق زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، ھەر خىل جاملار، قورال - ياراق ۋە ئاتنىڭ ئېگەر - جابدۇقلىرىغا ئوخشاش دەپنە بۇيۇملىرى چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن ۋە كۈمۈش بۇيۇملار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كەھرىۋا، مەرۋايىت، كرىستال ۋە يېشىل قاشتېشى، ئەينەك قاتارلىقلارمۇ بار. ئالتۇن تاج نېپىز ئالتۇن تاختىدىن قۇشنىڭ قانىتى شەكلىدە ياسالغان، چۆرىسىگە ھەرخىل نەقىشلەر چېكىلگەن، رەڭگا رەڭ ئېسىل دۇر - جاۋاھىرلاردىن كۆز قويۇلغان. بۇ قەبرە تەخمىنەن مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅵ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ، قەدىمكى سېللا مەدەنىيىتى ھەمدە جۇڭگو، ياپونىيە، شىمالىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.