—Reference
نىل دەرياسى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
نىل دەرياسى شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدىكى كاگېرا دەرياسىدىن باشلىنىدۇ، ئۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ بۇرۇندى، تانزانىيە، رۋاندا، زايىر، كېنىيە، ئۇگاندا، سۇدان، ئېفىئوپىيە ۋە مىسىر قاتارلىق توققۇز دۆلەتنى بېسىپ ئۆتۈپ، قاھىرەنىڭ تۆۋىنىدە ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. دەريانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6670 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا چاڭجياڭ دەرياسىدىن يەنە300 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ، دەريا ۋادىسىنىڭ كۆلىمى2 مىليون870 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
نىل دەرياسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ سۈيى ھەر يىلى قەرەللىك تېشىپ تۇرىدۇ. دەريا سۈيى تاشقاندا دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جايلارغا ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، بىراق نىل دەرياسى سۈيىنىڭ تېشىشى مىسىر خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر ياخشى ئىش، مىسىرلىقلار ئۇنىڭ ياردىمىدە، شانلىق قەدىمكى مەدەنىيەتنى ياراتقان. بۇنىڭدىن3000 يىل ئىلگىرى، شۇ يەرلىك خەلق تاش ئۈستىگە مۇنداق مەدھىيە سۆزىنى ئويغان: «نىل دەرياسى ئىككى قىرغاقتىكى تۇپراققا ھاياتلىق ئاتا قىلدى. پەقەت دەريا سۈيى ئۇلغايغاندىلا، ئاندىن يېتەرلىك ئاشلىق ئالغىلى بولىدۇ، ھاياتلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا تايىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ.»
بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە نىل دەرياسى ۋادىسىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق ھەم قۇرغاق، يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئۇنىڭ سۈيى ئاساسەن يۇقىرى ئېقىمدىكى تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق رايونىدىن كېلىدۇ. نىل دەرياسىنىڭ باش مەنبەسىدىن سۇداننىڭ خارتۇمغىچە بولغان بۆلىكى «ئاق نىل دەرياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق نىل دەرياسى خارتۇمدا كۆك نىل دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن، نىل دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر يىلى4 - ئايدا ئاق نىل دەرياسى بىلەن كۆك نىل دەرياسىنىڭ سۈيى تېشىشقا باشلايدۇ. شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدىن ئېقىپ كېلىدىغان ئاق نىل دەرياسى سۈيىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك ماددىلار بولغاچقا، سۈيى قارامتۇل يېشىل رەڭدە؛ ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىدىن ئېقىپ كېلىدىغان كۆك نىل دەرياسى سۈيىنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا قۇمسىمان لاتقا ۋە مىنېرال ماددىلار بولغاچقا، سۈيى قوڭۇر قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئىككى دەريا قوشۇلغاندىن كېيىن، سەھرايى كەبىر چۆلىدىكى قۇرغاق دەريا يولىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ سۇدان بىلەن مىسىرنىڭ سۇغىرىش ئىشلىرىغا زور قۇلايلىق يارىتىدۇ. ھەر يىلى7 - ئايدىن10 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، نىل دەرياسىنىڭ مىسىردىكى بۆلىكىدە كەلكۈن پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە دەريا دېلتىسى رايونىدا كۆپ مىقداردىكى بوش ھەم يۇمشاق مۇنبەت تۇپراق تىنىپ قالىدۇ. مىسىر خەلقى مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قۇملۇقتىكى «يېشىل كارىدور» نى بەرپا قىلىپ، شانلىق قەدىمكى مەدەنىيەتنى ياراتقان.
مىسىر ئاھالىسىنىڭ3 /2 قىسمى نىل دەرياسى دېلتىسىغا مەركەزلەشكەن. نىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى بىلەن دەريا دېلتىسىدا قېزىلغان ئۆستەڭلەر كۆپ بولۇپ، سۇغىرىش ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر تولۇق، بۇ جاي ئەزەلدىنلا دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدى.20 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ، نىل دەرياسىدا نۇرغۇن توسمىلار ياسالدى.1971 - يىلى قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى965 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئېگىزلىكى111 مېتىر كېلىدىغان ئاسۋان توسمىسى ياسالدى، دەريا سۈيىنى يىغىش ئۈچۈن، سىغىمچانلىقى164 مىليارد كۇب مېتىر كېلىدىغان دۇنياغا مەشھۇر ناسىر سۇ ئامبىرى ياسالدى.
نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قاھىرە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقتا «قەدىمكى زاماندىكى ئاجايىپ كۆرۈنۈش» دەپ ئاتالغان ھەيۋەتلىك ئۈچ ئېھرام قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى مەشھۇر خۇف ئېھرامى، يەنى چوڭ ئېھرام. بۇ ئېھرامنىڭ ئەسلىدىكى ئېگىزلىكى59 .146 مېتىر، ئاستى قىسمى كۋادرات شەكىلدە بولۇپ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى232 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن تەخمىنەن بىر كىلومېتىر ئەتراپىدا يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى5 .2 توننا كېلىدىغان2 مىليون300 نەچچە مىڭ پارچە تاشتىن قوپۇرۇلغان بولۇپ،5000 يىللىق تارىخقا ئىگە.