Uyghur→ChineseMain Dictionary
ۋىستلېر
ئېلېكترون، ئۇچۇر
哨声(雷电辐射干扰信号)
shào shēng (léi diàn fú shè gān rǎo xìn hào )
دۇنيا تارىخى
惠司勒
huì sī lè
(1834 - 1903). ئامېرىكىلىق ماي بوياق رەسىم ۋە ئويما رەسىم رەسسامى. ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا دادىسى بىلەن بىللە روسىيىگە بارغان. 1851 - 1853 - يىللاردا ئامېرىكىنىڭ ۋىست پوئىنت ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان.كېيىن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قىرغاقلرىنى ئۆلچەپ سىزىش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1855 - يىلى پارىژغا بېرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1859 - يىلى لوندونغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. كۆپلىگەن رەسساملارنىڭ رەسىم ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەمما ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىمۇ بار. <سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت> نى تەشەببۇس قىلغان. ئىجادىيەت ماھارىتىدە پۈتكۈل كۆرۈنۈشنىڭ كەيپىياتى ۋە رەڭ بېرىش بىلەن مەزموننىڭ بىردەكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىزىقلار بىلەن رەڭنىڭ ماسلىشىشىنى تەكىتلىگەن. ئەسەرلىرى شەرق كەيپىياتىغا ئىگە ۋە قىزىقارلىق دەرىجىدە زىننەتلەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئانا>، <ئالتۇن رەڭلىك دەرپەردە>، <ئاق كىيىملىق قىزچاق>، <قارا ۋە سېرىق كېچە مەنزىرىسى> قاتارلىقلاردىن، مىس ئويما رەسىملىرى <ۋېنىزىيىنىڭ مەنزىرىسى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.