UyghurMain Dictionary
دەز كەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دەز، چاك، يېرىق پەيدا بولماق.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالىمغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ دەز كەتكەن پىيالىدا چاي قۇيغىنى ئاز كەلگەندەك، ياغسىز ھالۋا بىلەن مېھمان قىلماقچى بوپتۇ.
كۆچمە. ئاساسىغا يامان تەسىر يەتمەك، بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ يامان تەسىرىگە يولۇقماق.
ئۆز سەلتەنىتىگە دەز كېتىدىغان بۇ ئىشلاردىن پادىشاھ خەۋەرسىز ئىدى.
كۆچمە. باشقىلارغا دېيىلگەن گەپنى ئۆزىگە ئېلىپ كەتمەك.
تۇمشۇقلىرىڭ سوزۇلۇپ كەتتىغۇ سېنىڭ، دەز كېتىپ قالدىمۇ نېمە.