UyghurMain Dictionary
قازماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا قول ياكى قورال بىلەن ئىشلەپ، بىر قىسمىنى ئېلىۋەتمەك، ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىنى ئالماق.
«چاچماق» كۆپرەك ئېرىق - ئۆستەڭ قېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
«ئويماق» ئاستىدىن قومۇرۇۋالماققا قارىتىلىدۇ.
سۇنىڭ قەدىرىنى قۇدۇق قازغان بىلەر. بىلىملىك ئويلاپ تاپار، بىلىمسىز كولاپ. كولىغانسېرى چوڭىيىدۇ، كۆمگەنسېرى كىچىكلەيدۇ. ئۆستەڭ چاپساڭ، تىرەن چاپ. كۆرەلمەسنىڭ كۆزىنى ئوي.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر يەرنى ئويۇپ، چوڭقۇر قىلماق. گۆر كولىماق، ئۆستەڭ قازماق
كۆممەك، تىندۇرماق
ئۆرەكنى، چوڭقۇرنى تولدۇرماق. ئۆلۈكنى كۆممەك، ئورىنى تىندۇرماق
ئورىنى كىم كولىسا، ئۆزى چۈشەر. سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق قازغان بىلەر. قازساڭ چوڭىيىدۇ، تىندۇرساڭ كىچىكلەيدۇ. كۆزۈڭنى ئاچقانغا گۆر قازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يەرنى كولاپ، چېپىپ، ئويۇپ چوڭقۇر قىلماق؛ كولىماق.
ئۆستەڭ قازماق. خەندەك قازماق. گۆر قازماق. ئۇل قازماق.
يەر ئاستى بايلىقلىرىنى كولاپ چىقارماق، ئالماق.
كۆمۈر قازماق. رۇدا قازماق.
كۆچمە. ئاختۇرۇپ، ئىزدەپ تاپماق.
ئۇستاز شەيخ سەئىدى ھېكمەتلەر ئالىمدىن شۇنچە ھېكمەتلەرنى قازدى