Chinese→UyghurMain Dictionary
三王同盟
دۇنيا تارىخى
ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاق
پروسسىيە ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پرۇسسىيە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرغان كورۇللۇق ئىتتىپاق. 1849 - يىلى 5 - ئايدا، پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋىلھلېلم Ⅳ ئاۋسترىيە، باۋارىيە، ساكسونىيە ۋە ھاننوۋېرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرلىندا يىغىن ئېچىپ، ئىتتىپاق گېرمانىيىنى قايتىدىن قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئاۋسترىيە بىلەن باۋارىيىنىڭ ۋەكىللىرى نارازى بولۇپ، يىغىندىن چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن پرۇسسىيە ساكسونىيە ۋە ھاننوۋېر بىلەن ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، گېرمانىيىنىڭ 28 ئوتتۇرا ۋە كىچىك شتاتىمۇ قاتناشقان. 1850 - يىلى 3 - ئايدا پرۇسسىيىنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا، ئىرفۇرتتا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى چاقىرىپ، كونا ئىتتىپاق گېرمانىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىمەكچى بولغان. 5 - ئايدا، ئاۋسترىيىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە قارشى تۇرۇشى ئاستىدا، ساكسونىيە، ھاننوۋېر قاتارلىق شتاتلار كەينى - كەينىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئىتتىپاق شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان.