UyghurMain Dictionary
دا پۇشىڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1874 - 1965) جۇڭگودىكى ئىسلام ئاخۇنى، جياڭسۇ ليۇخېلىق، خۇيزۇ. گۇاڭشۈينىڭ 33 - يىلى (1907) ۋاڭ كۇەن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بېيجىڭ نيۇجېي مەسچىتىدە ئىسلام دارىلمۇئەللىمىنىنى ئاچتى. 1938 - يىلى شاڭخەي ئىسلام دارىلمۇئەللىمىندە مۇدىر بولدى. شاڭخەي كونا بېيمىڭ ئىچىدىكى مەسچىتتە ئىمام بولدى. 1952 - يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا قاتناشتى. ئىككىنچى يىلى جەمئىيەت رەسمىي قۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ سايلاندى. ھەمدە دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام دارىلفۇنىنىڭ باشلىقى بولدى. 1954 - يىلىدىن باشلاپ بىرنەچچە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. 1954 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى بولدى. 1955 - يىلى دائىمىي ئىشلار ھەيئىتى بولدى. بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى.