Uyghur→ChineseMain Dictionary
كىچېنېر
دۇنيا تارىخى
基切纳
jī qiē nà
(1850 - 1916) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ئىرلاندىيىدە تۇغۇلغان. 1871 - يىلى خانلىق قۇرۇلۇش قىسىملىرىغا كىرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بۇلۇپ پەلەستىن ۋە سىپرۇسلاردا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1882 - يىلى ئەنگلىيە مىسىرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 1883 - يىلى مىسىردىكى قوشۇنغا يۆتكەلگەن. 1885 -1886 - يىلى قىسقا ۋاقىت زانزىبار چېگرىسىنى ھەل قىلىش خەلقئارا ھەيئىتىنىڭ ئەنگلىيە تەرەپ ۋەكىلى بولغان. 1886 - يىلى شەرقىي سۇدان باش ۋالىيسى بولغان. 1892 - يىلى مىسىر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1896 - 1898 - يىللىرى ئەنگلىيە - مىسىر قوشۇنلىرىنى باشلاپ مەھدى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە فاشوداغا يۈرۈش قىلىپ، فرانسىيە قوشۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ، فاشودا ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. 1899 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ، ئەنگلىيە - بۇر ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1900 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيە - ھىندىستان قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى، مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1916 - يىلى روسىيىگە سۆھبەتكە قاتنىشىشقا كېتىۋېتىپ، ئوركنېي ئارىلى ئەتراپىدا ئوكيان چارلاش پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن.