Chinese→UyghurMain Dictionary
戈多伊
دۇنيا تارىخى
گودوي
(1767 - 1851) ئىسپانىيە باش ۋەزىرى (1792 - 1798، 1801 - 1808). كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1784 - يىلى خانلىق گۋاردىيە قىسمىغا كىرىپ، كەلگۈسى خانىكە مارىيە لوئىزانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن. 1792 - يىلى گرىتسوگ نامى بېرىلگەن. تۇنجى باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، 1795 - يىلى ئىسپانىيەنىڭ فرانسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، <بازېل تىنچلىق كېلىشىمى> ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن <تىنچلىق شاھزادىسى> دېگەن نام بېرىلگەن. 1798 - يىلى نەزەردىن چۈشۈپ قېلىپ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. قايتىدىن باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ماندارىن ئۇرۇشىدا ئىسپانىيە قوشۇنلىرىغا ئۆزى قوماندانلىق قىلغان. 1808 - يىلى كورۇل چارلېس Ⅳ ئارانجۇئېزدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغاندا، شاھزادە فېرناندو تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. فېرناندو ناپولېئوننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇنى بايونغا ئاپىرىپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن چارلېس Ⅳ بىلەن بىللە تۇرغان. 1830 - يىلىدىن كېيىن فرانسىيە كورۇلى لۇئى فىلىپنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كۈچۈرگەن. 1874 - يىلى ئىسپانىيە كورۇلى ئىزابېل Ⅱ ئۇنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلكىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. پارىژدا ئالەمدىن ئۆتكەن. <ئەسلىمىلەر> دېگەن ئەسىرى بار.