—Reference
ھاپىز ھاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھاپىز ھاجى 1867 - يىلى قۇمۇل ناھىيە راھەتباغ يېزىسىنىڭ قۇمتۇر مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. شائىرنىڭ ئاتىسى موللا جالال مەرىپەتپەرۋەر، ئوقومۇشلۇق ئادەم بولۇپ، ئوغلىنى باشتا ئۆزى ئوقۇتۇپ، تەربىيىلىگەن. ھاپىز ھاجى چوڭ بولغاندىن كېيىن قەشقەر مەدرىسىگە بېرىپ بىر قانچە يىل ئوقۇغان. كېيىن مەككىگە بېرىپ ھەج - تاۋاپ قىلغان. ھەج سەپىرى داۋامىداد كەشمىر، كابۇل قاتارلىق جايلاردا مەلۇم مەزگىل تۇرۇپ شەرق ئىلمى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ مەلۇم تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. يۇرتىغا نۇرغۇن كىتابلارنى ئېلىپ كېلىپ، كۆپلىگەن شاگىرت تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.
ھاپىز ھاجى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش، ئۆز يۇرتىدا مۇدەرسلىك قىلىش داۋامىدا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تونۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى، 1920 - ۋە 1930 - يىللاردا يېزىلغان «ئىككىمىز»، «تەنھا»، «پەيدا»، «دو - دو- شۈي»، «سەپەر ئۈستىدە»قاتارلىق شېئىرلاردىن ئىبارەت.
ھاپىز ھاجى شېئىرلىرىدا خەلقىنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇ - ئارمانلىرى، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى ئىپادىلىنىش بىلەن بىللە، فېئوداللىق ئىجتىمائىي تۈزۈم زېمىنىدىكى چىرىكلىك، ئادەلەتسىزلىك، مەككارلىقلار پاش قىلىنغان. بىز ئۇنىڭ:
«قەززۇمىنىڭ مەۋجىگە ئوخشاش دەريايى غەمدە قالغىنىم تەنھا»
دېگەن مىسرالىرىدىن جاھالەت مۇھىتىدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قايغۇ - ھەسرىتىنى ئاڭلىيالايمىز.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شائىر ھاپىز ھاجى ئۆزى ياشىغان فېئوداللىق ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسرىدىن خالىي بولالمىغان، بۇ خىل تەسىر ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئەكىس ئەتمەي قالمىغان. شائىر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سوپىلىق (ئىشانلىق) بىلەن شۇغۇللانغان ۋە 1948 - يىلى مارت ئېيىدا، 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.