UyghurMain Dictionary
خەندان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈلگەن، كۈلۈپ تۇرغان ھالەت، شاد - خۇراملىق:
بۇ مەجنۇن ئۆپكىلەپ يىغلادى چەندان،
قىيامەتكىچە يوقتۇر ماڭا خەندان.
موللا فازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈلىدىغان، كۈلگۈچى؛ شا - خۇرام: خەندان ئەيلەمەك - كۈلدۈرمەك، شادلاندۇرماق؛ خەندان قىلماق - كۈلمەك، كۈلدۈرمەك، خوشال قىلماق؛ خەندان بولماق - كۈلمەك، شاد بولماق؛ خەندان يۈز - كۈلۈپ تۇرغان، ئوچۇق يۈز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈلۈمسىرەپ، كۈلۈپ تۇرىدىغان.
ئۇ كۈلگۈنچەك قىز ھەممىنى ئۆزىگە تارتاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. شوخ كۈلكە، قاتتىق كۈلكە.
مول ھوسۇلنىڭ شادلىقىدا نەغمە - ناخشا ئۆزگىچە، جۇش ئۇرۇپ ياڭرايدۇ دېھقان قەلبى خەنداندى بۈگۈن.