Uyghur→ChineseMain Dictionary
سۇڭجياڭ ئوكۇنى
بىئولوگىيە
松江鲈鱼
sōngjiānglúyú
<تۆت ژابرالىق ئوكۇن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بېلىقلار سىنىپى، ئوكۇنسىمانلار ئەترىتى، تاشبېلىق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى ئۇزۇن، باش قىسمى ۋە تېنىنىڭ ئالدى ئۇچى ياپىلاق. كەينىگە قاراپ بارا - بارا ئىنچىكىلەپ ھەم يېنىغا ياپىلاقلىشىپ بارىدۇ. بېشى ۋە ئاغزى چوڭ، ئاغزى تېنىنىڭ ئۇچىغا جايلاشقان، ئۈستۈنكى جاغى تۆۋەنكى جاغىدىن سەل ئۇزۇن، تۇمشۇقى توم، بۇرۇن تىكەنچىسى بار، كۆزى كىچىك، كۆزىنىڭ تاياق قىرى بار. ژابرا قاپقىقىدا ئۇزۇنىغا كەتكەن قىرى ۋە تىكەن ئۆسمىسى بولىدۇ. ژابرا تۆشۈكى چوڭ، ژابرا پەردىسى بوغۇز قىسمى بىلەن تۇتاشقان. بەدىنىدە تەڭگىچىلىرى يوق، تېرە يۈزىدە نۇرغۇنلىغان كىچىك ئۆسۈكچىلىرى بولىدۇ. يان سىزىقى تۈز، ئىككى دۈمبە پالاقچىسى بار. ئۇنىڭ تۈۋى قىسمى تۇتاشقان. كۆكرەك پالاقچىسى چوڭ، يۇمىلاق. قورساق پالاقچىسى كۆكرەك قىسمىغا جايلاشقان. ساغرا پالاقچىسى ئىككىنچى كۆكرەك پالاقچىسىغا ئوخشاش، قۇيرۇق پالاقچىسىنىڭ ئاخىرقى گىرۋىكى سەل يۇمىلاق، دۈمبە يېنى سارغۇچ قوڭۇر، تەرتىپسىز تۆت يول سىزىقى بولىدۇ؛ بىرىنچى دۈمبە پالاقچىسىدا چوڭ بىر قارا چېكىتى بولۇپ، قالغان پالاقلىرىدا قارا رەڭلىك كىچىك داغلىرى بولىدۇ. تىرىك ۋاقتىدا ژابرا پەردىسىنىڭ ھەر قايسىسىدا ئىككى تالدىن قىزغۇچ يانتۇ سىزىقلىرى بولۇپ، خۇددى تۆت پارچە ژابرا ياپرىقى سىرتقا چىقىپ قالغاندەك كۆرۈنگەچكە <تۆت ژابرالىق ئوكۇن> دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ دېڭىز بويلىرىدا ياشايدىغان كۆچمەن بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەتىيازدا تۇخۇم سالىدۇ. 4 - ئايدا بېلىجانلار چاڭجياڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئېقىمغا قارشى ئۈزۈپ سوڭجياڭغا كېلىپ ئۆسۈپ يوغىنايدۇ. بىر تۈلىگەندىن كېيىنلا يېتىلىدۇ. كېيىنكى يىلى بىرىنچى ئايدا يەنە دەريانى بويلاپ تۆۋەنلەپ دېڭىزغا كىرىپ كۆپىيىدۇ. سۇڭجياڭ ئوكۇنى مەملىكىتىمىزنىڭ تۆت چوڭ مەشھۇر بېلىقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كىچىك تىپتىكى بېلىقلاردىن ئىندىۋىدى 17 سانتىمېتىردىن ئارتۇققا يېىتىدۇ. تەمى مەززىلىك، جىگىرى ۋە بېشىنىڭ ئىككى يېنىدىكى (مەڭىز قىسمىدىكى) گۆشلىرى ئەڭ مەززىلىك بولۇپ، مەشھۇر، ئەتىۋارلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىن چىقىدۇ، سۇڭجياڭدىكى ئەڭ داڭلىق. ئۇ چاۋشيەن، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان. ھازىر سۈنئىي كۆپەيتىپ بېقىلماقتا.