UyghurMain Dictionary
پاس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېچىنىڭ بىر قىسمى، سەككىزدىن بىرى:
ساقلاش، مۇھاپىزەت، رىئايە.
1. ئۆتۈپ ئېردى تۈندىن داغى ئىككى پاس،
كى ئۇيقۇغە بارغان ئىدى بارچە ناس.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
رىئايە، ئېتىۋار، ھۆرمەت: پاس ئەيلىمەك - ئېتىۋار بەرمەك.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر پاس ئادەتتە بر كېچە - كۈندۈزنىڭ 8 / 1 ىگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بىر نەرسىنىڭ ئىككىنچى نەرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن، قاتتىق سىلكىنىشى ھەم ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.
ئەزىمەت قولىنى قاتتىق بىر شىلتىۋىدى، ئاپىسىنىڭ يۈزىگە <پاس> قىلىپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنگلىزچە
تەنتەربىيە
توپ ئويۇنلىرىدا توپنى ئۆز كاماندىسىنىڭ بىرەر ئەزاسىغا قارىتىپ تاشلاش، ئېتىش ھەرىكىتى.
پاس بەرمەك. پاس چىقارماق.