UyghurMain Dictionary
كەبىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: كىبار. كۇبەرا. ئۇلۇغ، بۈيۈك، كاتتا، چوڭ، زور؛ يۇقىرى.
چوڭ ياشلىق:
ئۇمىد ئولكىم، سەغىر ۋە كەبىر، شەيخۇ شابىنىڭ خاتىرەلەرىغە دىلپەزىر ۋە كۆڭۈللەرىغە ناگۇزىر بولغاي.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چوڭ، يوغان، كاتتا، بۈيۈك، ئۇلۇغ؛ ئىسلام شەرىئىتىدە ئۆزىگە تېگىشلىك مىراسنى باشقۇرۇش؛ يېشىغا توشقان ئەرمۇ <كەبىرە> دېيىلىدۇ: سەھرايى كەبىر - چوڭ چۆل؛ گۇنايى كەبىر - چوڭ گۇناھ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كېۋىر، كىبىر
چوڭ، ئۇلۇغ، زور
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئۇلۇغ، يېتىشكەن؛ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك.