Lughet
DictionaryChinese元山总罢工
ChineseUyghurMain Dictionary

元山总罢工

دۇنيا تارىخى يۇەنشەن ئومۇمىي ئىش تاشلىشى چاۋشيەن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئومۇمىي ئىش تاشلىشى. 1929 - يىلى 1 - ئايدا، يۈەنشەن نېفىت ئىشچىلىرى ياپون نازارەتچىلىرىنىڭ ئىشچىلارنى ئۇرغانلىقىغا نارازىلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئىش تاشلىغان. ترانسپورت ۋە پرىستان قاتارلىق 24 كەسپىي ساھەلەردىكى ئىشچىلار ئاۋاز قوشۇپ، ئومۇمىي ئىش تاشلاش شەكىللەنگەن. ئىش تاشلىغانلار سەككىز سائەت ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئەركىن تەشكىللەش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە جايلاردىكى ئىشچىلار، دېھقانلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، كۈرەشنى قەيسەرلىك بىلەن قانات يايدۇرغان. كېيىن ياپون ھەربىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ئۇ، 30 - يىللاردىكى چاۋشيەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ سىگنالى ئىدى.
Rate this entry
← Search