—Reference
يورۇقلۇق
فىزىكا بىلىملىرى
تەبىئەتنىڭ رەڭدارلىقى يورۇقلۇققا مۇناسىۋەتلىك، يورۇقلۇق كەڭ تەبىئەتنىڭ پەردازچىسى.
بىز ئادەتتە كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاق رەڭلىك قۇياش يورۇقلۇقى (نۇرى) ئەمەلىيەتتە قىزىل، قىزغۇچ سېرىق (كاۋا چېچىكى رەڭ)، سېرىق، يېشىل، كۆك، تۆمۈر كۆك، سۆسۈن (بىنەپشە) دىن ئىبارەت يەتتە خىل يەككە (ساپ) رەڭلىك نۇردىن تەشكىل تاپىدۇ، بۇنى نيۇتون1666 - يىلى ئەڭ ئاۋۋال ئېنىقلىغان. يورۇقلۇقنى توسۇش ئارقىلىق ئۆينى خىرە قىلىپ، بىر دەستە قۇياش نۇرىنى ئۆيگە چۈشۈرۈپ، بۇ بىر دەستە قۇياش نۇرى چۈشىدىغان جايغا بىر پارچە ئۈچ قىرلىق پرىزما (ئۈچ قىرلىق ئەينەك) قويسىڭىز، بۇ بىر دەستە نۇر پرىزمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن پرىزما تېگىگە ئېگىلىپ سۇنۇپ بىر بۇلۇڭ ھاسىل قىلغانلىقى ھەم تامدا ئىنتايىن چىرايلىق يەتتە خىل رەڭلىك يورۇقلۇق بەلۋېغىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايقايسىز، بۇ خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئاسماندا شەكىللەنگەن ھەسەن - ھۈسەنگە ئوخشايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئاق رەڭلىك قۇياش نۇرىدا، جىسىمدا خىلمۇخىل رەڭلەر بارلىققا كېلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، قۇياش نۇرى جىسىمغا چۈشكەندە، بىر قىسىم نۇر جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدىن قايتىدۇ، يەنە بىر قىسىم نۇر جىسىم تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ، ئېشىپ قالغىنى جىسىمنى تېشىپ چىقىپ كېتىدۇ. سۈزۈك بولمىغان جىسىمنىڭ رەڭگى ئۇ قايتۇرغان نۇرنىڭ رەڭگى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر جىسىم قۇياش نۇرىدىكى بارلىق يەتتە خىل رەڭلىك نۇرنى قايتۇرالىسا، بۇ جىسىم ئاق رەڭلىك بولىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر جىسىمغا چۈشكەن مەيلى قايسى خىل رەڭلىك نۇر بولسۇن ھەممىسىنى سۈمۈرۈۋالالىسا، بۇ جىسىم قارا رەڭلىك بولىدۇ. پەمىدۇرنىڭ قىزىل رەڭلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ پەقەت قىزىل نۇرنىلا قايتۇرۇپ باشقا دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرلارنى سۈمۈرۈۋالىدىغانلىقىدا. ئەگەر پەمىدۇرنى كۆك رەڭلىك چىراغ ئاستىغا قويۇپ كۆزەتسە، ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ، پەمىدۇر پەقەت قىزىل نۇرنىلا قايتۇرىدىغان بولغاچقا، كۆك نۇردا قىزىل نۇر تەركىبى بولمايدۇ، پەمىدۇر كۆك نۇرنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن، قارىماققا قارا كۆرۈنىدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، سۈزۈك بولمىغان جىسىمنىڭ رەڭگى ھەم ئۇ قايتۇرغان نۇرنىڭ رەڭگىگە باغلىق، ھەم ئۇنىڭغا چۈشكەن نۇرنىڭ رەڭگىگە باغلىق بولىدۇ. مانا بۇ رەسىم سىزغاندا ۋە بوياقچىلىقتا دائىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.
سۈزۈك جىسىمنىڭ رەڭگى ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان نۇرنىڭ رەڭگى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يېشىل رەڭلىك ئەينەكنىڭ ئىپادىلىگەن رەڭگى ئۇنىڭدىن يېشىل نۇرنىڭلا ئۆتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بايرامدا ئېسىپ قويۇلغان رەڭلىك لامپۇچكىلارنىڭ ھەر خىل رەڭلىك كۆرۈنۈشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ھەر خىل رەڭلىك نۇرلارنى چىقىرىدىغانلىقى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەينەك لامپۇچكىلىرىنىڭ پەقەت مەلۇم خىل رەڭلىك نۇرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىدا، ئۇلارنىڭ يورۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىمى ئادەتتىكى لامپۇچكىلارنىڭكىگە ئوخشاش. ئادەتتىكى دېرىزە ئەينەكلىرى ھەر خىل رەڭلىك نۇرلارنى ئۆتكۈزەلەيدۇ، شۇڭلاشقا، ئۇلار قۇياش نۇرىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي سۈزۈك (تىنىق) بولىدۇ. ئوخشاش پرىنسىپ بويىچە، فوتو ئاپپاراتتىكى مەلۇم خىل رەڭدىكى رەڭ سۈزگۈچ ئەينەكنىڭ رولى مۇشۇ خىل رەڭلىك نۇرنى سۈزۈپ چىقىرىۋەتمەي، مۇشۇ خىل رەڭلىك نۇرنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
يورۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىمنىڭ رەڭگى ئۇ چىقارغان يورۇقلۇقنىڭ رەڭگىگە باغلىق بولىدۇ. جىسىم قىزدۇرۇلۇپ ھەم ياندۇرۇلۇپ مۇئەييەن تېمپېراتۇرىدا ساقلانسا، يورۇقلۇق چىقىرىدۇ، مانا بۇ ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىدىن ئىبارەت. رادىئاتسىيىلىنىشتىن يورۇقلۇق چىقىرىشنى ھەرقانداق تېمپېراتۇرىدا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ئەمما بىز پەقەت ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىدىكى كۆرۈنىدىغان يورۇقلۇق دولقۇنىنىلا كۆرەلەيمىز. ۋولفرام سىم قىزدۇرۇلغاندا، تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرمىگەندە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئىنفرا قىزىل نۇرنى چىقىرىدۇ، تېمپېراتۇرىسى ℃500 قا يەتكەندە، تۇتۇق قىزىل رەڭلىك نۇرنى كۆرگىلى بولىدۇ، ℃1500 قا يەتكەندە، ھەر خىل رەڭلىك نۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاق يورۇقلۇقنى چىقىرىدۇ.