UyghurMain Dictionary
ئۇلۇغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
چوڭ، كاتتا، بۈيۈك. ئورۇن، مەرتىۋە، دائىرە جەھەتتىن:
ئۇلۇغ دائىيەلەرى بىر ئۇلۇغ چال،
دۇرۇست ئەندىشەلەر بىرلە سۈچۈك قال.
ناقىس.
2. ئۇلۇغۇ ھەم كىچىك خەلقى خۇدا جۇي،
قىلىپدۇرلار تەۋازىئۇ ئەدەپ خۇي.
قەلەندەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممە قايىل بولغان، سېغىنىدىغان ئەڭ كاتتا.
<ئەزىم>، <ئەكبەر> كىتابىي سۆزلەر.
ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. بۈيۈك ئادەم خاتالاشقاندىمۇ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
كىچىك ، ئۇششاق ، مەيدە، ئۇۋاق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسىملاشقان؛ چوڭلار، چوڭ كىشى...
كىچىك ، ئۇششاق
ئىسىملاشقان؛ كىچىكلەر، كىچىك كىشى...
چوڭ يۈزىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئاچار. بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ. چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى تويغا ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممە كەلدى. ئەقىللىق ئەخمەق ئەخمەقلەرنىڭ كاتتىسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇلۇغ.
ھەر نەرسىنىڭ چوڭى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۇلۇغلۇقلۇق بولسا سەن ئەزگۈ قىلىن
بولغىل كىشىڭ بەگلەر قاتىن ياخشى ئۇلەن
{ئۇلۇغلۇققا ئېرىشسەڭ، ياخشى قىلىقلىق بول،
بەگلەرنىڭ قېشىدا كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغۇچى بول.}
مەرتىۋە ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىكەن ھامان خۇلقۇڭنى تېخىمۇ ياخشىلار، بەگلەر ئالدىدا باشقىلار ئۈچۈن دائىم ياخشىلىق قىلغۇچى كىشى بول.
1 - 88
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چوڭ، كاتتا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھەجمى، ئورنى غايەت چوڭ، كاتتا.
نۇرغۇن بۇلاقلار قوشۇلۇپ، ئۇلۇغ بىر دەريا بولۇپ ئاقاتتى.
سۈپ. بارغانسېرى ئۇلغايغان، شىددەتلىك، كۈچلۈك.
يىگىت قاچتى ئارقىسىدا ئۇلۇغ ئوت، ۋە ئالدىدا بۇلۇت باسقان ئۇپۇقلار. ئايان بولدى خۇددى كېسەل كىشىدەك، ئازاب بىلەن ئىڭراپ ياتقان كەڭ يۇرتلار.
سۈپ. ھەر جەھەتتىن يۇقىرى، قۇدرەتلىك.
ئۇلۇغ ۋەتەن. ئۇلۇغ خەلق.
مۇنداق ئۇلۇغ ئەلدە تېپىلمايدىغان نېمىلەر بار؟
سۈپ. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، مۇھىم، بۈيۈك.
پاتىمە بىلەن سونۇر بولسا كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ ئارمانلار ھەققىدە سىردىشىپ مەھەللە تەرەپكە قاراپ بىللەن مېڭىشتى.
سۈپ. ھۆرمەتكە سازاۋەر، يۇقىرى مەرتىۋىلىك، ئالىيجاناب.
- ئۇلۇغ پادىشاھىم، ئۇسىتلار ئاسماندا تۇرسا، قانداق يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ ئىش ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن، - دەپتۇ سول قول ۋەزىر.
سۈپ. غايەت ئىقتىدارلىق، تالانتلىق؛ قىلغان خىزمىتى بىلەن خەلققە تونۇلغان، مەشھۇر.
ئۇلۇغ شاىر. ئۇلۇغ يازغۇچى. ئۇلۇغ داھىي.
ئى (شەخس ياكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن) مەنسەپدار، باشلىق.
پادىشاھ خاس ئۇلۇغلىرى بىلەن مەلىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى خاس جايغا چۈشۈردى.
سۈپ. ياشتا ۋە ھۆرمەتتە چوڭ.
ئۇلۇغ بوۋا. ئۇلۇغ ئاغچا خېنىم.
سۈپ. ناھايىتى تەنتەنىلىك، بەختكە تولغان، ئۇلۇغۋار.
ئۇلۇغ ھېيت كۈنلىرى. ئۇلۇغ بايرام.
ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئۇلۇق
چوڭ، كاتتا
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
پەزىلەت جەھەتتىن يۈكسەك، ئۇلۇغ، باي، ھۆرمەتلىك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پەزىلەت جەھەتتىن بەك يۈكسەك، ئۇلۇغ؛ باي، ھۆرمەتلىك.