Lughet
DictionaryUyghurئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى
UyghurMain Dictionary

ئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى

دۇنيا تارىخى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىرلاندىيىدىكى مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئىرلاندىيىدە چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنى 1886 - يىلى 4 - ئايدا گلادىستون ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ مەزمونى: ئىرلاندىيە پارلامېنتى ۋە پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان مەمۇرىي ئاپپارات قۇرۇش؛ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودىنى داۋاملاشتۇرۇش؛ ئىرلاندىيە ھەر يىلى ئىمپېرىيىگە خىراجەت يەتكۈزۈپ بېرىش؛ ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ئىرلاندىيىدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسى، پورت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت، لېكىن بۇ ماقۇللانمىغان. 1893 - يىلى ۋە 1912 - يىلى لىبېراللار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى قانۇن لايىھىسى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى ۋە يۇقىرى پالاتانىڭ رەت قىلىشى بىلەن ماقۇللانمىغان. 1920 - يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە يېڭى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىلەر ئۆز ئالدىغا پارلامېنت قۇرۇش بەلگىلەنگەن. 1921 - يىل 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىرلاندىيە ئوڭ قانات سىن فېين پارتىيىسى شەرتنامە ئىمزالىغان. ئىرلاندىيىنىڭ شىمالىي يەنىلا ئەنگلىيىگە تەۋە بولغان، جەنۇبتىكى 26 ۋىلايەتتە ئەركىن شتات قۇرۇلۇپ، دومىنىئون ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.
Rate this entry

Same word in other sources

ئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنىUyghurChineseMain Dictionary

Related words

ئاپتونومىيەUyghurمىللىي ئاپتونومىيەUyghurئىرلاندىيە ئۇرۇشىUyghurھىندىستان ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىUyghurئاپتونومىيىلىكUyghurئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىUyghur
← Search