UyghurMain Dictionary
قوش يىپلىق مەزگىلى
بىئولوگىيە
سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى Ⅰ نىڭ بىر باسقۇچى بولۇپ، توم يىپلىق مەزگىلى بىلەن ئۆزگىرىش ئاخىرلىشىش مەزگىلىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەجىمى كىچىكلەيدۇ. تۆت بۆلۈكلىك تەنچە قىسقىراپ تېخىمۇ قىسقان تېخىمۇ توم بولىدۇ، خروموسوملارنىڭ گەۋدىسى دەسلەپتە كۆرۈنىدۇ. ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلار ئارىلىقىدىكى سىنپاپس كومپلېكس تەنچىسى يوقىلىپ، ئىككى ۋالېنتلىق تەنچە ئارىلىقىدا ئايرىلىش پەيدا بولىدۇ، لېكىن تىك ئوقتا يەنىلا بىرىكىپ كەتكەن كېسىشكەن ئورۇنلىرى ساقلىنىدۇ، كېسىشىش تەدرىجىي ھالدا خروموسومىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا سۈرۈلىدۇ (ئۇچىغا سۈرۈلۈش) ھەمدە ئاستا - ئاستا ئازىيىدۇ. بەزى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسىدىكى لامپىسىمان چوتكا شەكىللىك خروموسوما قوش يىپلىق مەزگىلىدە توختاپ قالغان بۇرمىلىنىش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغان بىر خىل ئالاھىدە شەكىللىك خروموسومىدۇر. قوش يىپلىق مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە بىر قانچە ئايدىن بىر قانچە يىلغىچە بولىدۇ. ئادەمنىڭ تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى بەش ئايلىق ھامىلىدە قوش يىپلىق مەزگىلىگە يېتىپ، بىر قانچە ئون يىل داۋاملىشىدۇ - دە، تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىغا يېقىن قالغاندىلا ئاندىن داۋاملىق بۆلۈنىدۇ.