UyghurMain Dictionary
سا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پېئىل تورمۇرى؛ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بولۇپ، <تەككۈچى، يەتكۈچى> مەنىلىرىدە كېلىدۇ؛ <ئاسا> سۆزىنىڭ قىسقارتىلغىنى بولۇپ، <ئوخشاش، كەبى، دەك، سىڭىرى> دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ: سۇمەنسا - سۇمەن گۈلىگە ئوخشاش، چىرايلىق؛ گۇنبەدى دەۋۋارسا - ئايلانغۇچى گۈمبەزگە يەنى ئاسمانغا يەتكۈچى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
«سەن» مەنىسىدىكى بىر سۆز. سا ئايۇرمەن _ ساڭا ئېيتىمەن. بۇ يەردىكى «ا _ ئېلىف» « _ ساڭا» سۆزىدىكى «ن _ n» نىڭ ئورنىدا كەلگەن ياكى « _ ساڭا» سۆزىدىكى « _ ڭ» چۈشۈپ قالغان. «ا _ ئېلىف» نىڭ «ن _ n» ھەرپىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىشى ئەرەپچىدىمۇ بار.
3 - 288
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قورغان، قەلئە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ھارۋىغا قوشۇلىدىغان ئات، ئېشەك قاتارلىقلارنى كەينىگە ياندۇرۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.