Uyghur→ChineseMain Dictionary
شائوميان
دۇنيا تارىخى
邵武勉
shào wǔ miǎn
(1878 - 1918) روسىيىلىك ئىنقىلابچى. تىفلس (ھازىرقى تىبىلىس)تا تۇغۇلغان. 1898 - يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1900 - يىلى رىجسك ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن، كېيىن مەجبورىي ھالدا گېرمانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغاندا بېرلىن ئۇنىۋېرسىتىتىغاكىرىپ ئوقۇغان. 1904 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ستالىن بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كاپكازدىكى پارتىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇ جەرياندا قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە لېنىننىڭ ئىنقىلابىي لۇشيەنىنى قوللاپ، مىنشېۋىكلارنىڭ ئاغمىچىلىقىغا قارشى تۇرغان. 1914 - يىلىدىكى باكو نېفىت ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلاش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. 1917 - يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن كاپكاز پەۋقۇلئاددە ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىملىقىغا تەيىنلەنگەن. 1918 - يىلى 4 - ئايدا باكو خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كومىتېتنىڭ 26 ئەزاسى (يەنى <26كومىسسار>) بىلەن بىللە ئەنگىلىيە قوراللىق مۇداخىلىچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.