UyghurMain Dictionary
راست
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چىن، ھەقىقەت؛ توغرا؛ ئوڭ:
ئۇدۇل، تۈپتۈز:
لايىق، مۇناسىپ؛ ئوخشاش، ماس؛ خۇددى:
1. ... فەرەڭ ئەلچىسى ۋەزىرىنىڭ سۆزى راست چىقىپ ۋە ئانى ئىفشا قىلىپ، شاھ ۋەزىرىنى زىنداندىن خەلاس قىلىپ ۋە شاھ قەفەسدەكى ئىككى كىشىنىڭ ھالىنى تەجەسسۇس قىلغانىدا، خاجە نائىلاجلىقدىن باشىغە كەلگەن سەرگۈزەشتىن بەيان قىلغانى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. كېلۇر بىر كارۋان ئول يول بىلە راست،
يولۇقۇشتى شەھانشاھ بىرلە بىخاست.
لۇتقى.
3. ئەگەر راست بولساڭ ئاڭا مۇئتەقىد،
كى زىندانغە باغىل بولۇپ مۇستەئىد.
نەۋايى.
4. خىزىردىن ئىبلىس ئېرۇر ئەئما كەبى،
راست زۇمۇررەد بىلە ئەفئا كەبى.
نەۋايى.
تاز، پاكىز:
مۇزىكا كۈيلىرىدىن بىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوبيكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن، ھەق ۋە ھەقىقىي. راست سۆز، چىن مال، جىڭ ئالتۇن
يالغان، ساختا، جا
ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، ھەق ۋە ھەقىقىي ئەمەس. يالغان سۆز، ساختا مال، جا ئالتۇن
راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولماس. راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان (قاچىدۇ). قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست. راست ئېيتقان تۇتۇلۇپ، يالغان ئېيتقان قۇتۇلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بىر يالغاننى يېپىش ئۈچۈن ئون يالغان يېتىشمەيدۇ. ھەقىقىي سۆزنىڭ كۈچى چىن بولغانلىقىدا. جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ. جا دورا جاننى ئالىدۇ. ساختا مالنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىش ئاسان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. يالغان، ساختا ئەمەس؛ ھەقىقىي، توغرا، جىڭ.
راست گەپ.
رەۋ. ھەقىقەتەن.
مەن ئۇ ئىشنى راست بىلمەيمەن.
ئى. ھەقىقەت.
كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ راست بىلەن يالغاننى ئاجرىتايلى.
يۈك <توغرا، بەرھەق، دەرھەقىقەت> دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ.
راست، كىم مەسئۇل بولىدۇ؟