Chinese→UyghurMain Dictionary
改者协会
دۇنيا تارىخى
ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى
ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ۋېنگرىيە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشتىكى مەخپىي تەشكىلاتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ۋېگرىيە پەيلاسوپى، موناستىرنىڭ باشلىقى مارتىنوۋىچ يىگناس، شائىر باچىنى يانوش قاتارلىقلار. ئۇلار فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇستەقىل ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى، ئىككى پالاتالىق تۈزۈمدىكى پارلامېنت ۋە مىللىي ئارمىيە قۇرۇشنى؛ فېئوداللىق ئىمتىيازلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن ئۇلار پروگراممىسىدا دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشتىكى رولىغا سەل قارىغان بولغاچقا، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1795 - يىلى ئاۋسترىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.