Chinese→UyghurMain Dictionary
中江兆民
دۇنيا تارىخى
ناكائې چومىن
(1847 - 1901) ياپونىيىلىك مۇتەپەككۇر، ئوبزورچى، توسالىق، ئىسمى توكۇسۇكې، 1871-يىلى فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1874-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، فرانسۇز تىلى مەكتىپىنى تەسىس قىلغان، توكيو چەت ئەل تىلى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1881-يىلى سايئونجى كىمموچى بىلەن بىللە، <شەرقىي ئوكيان ئەركىن خەۋەرلىرى> نى نەشر قىلىپ، ئەركىن خەلق ھوقۇقى ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان. 1888-يىلى <شەرق تۇمانلىرى خەۋەرلىرى> نى نەشر قىلىپ، مېيجى مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنى سۆكۈپ، ياپونىيە ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى تەنقىد قىلغان. 1890-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1898-يىلى ەومىنداڭ پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1900-يىلى مىللىي ئىتتىپاققا قاتناشقان. رۇسسونىڭ <خەلق كېلىشىمى ھەققىدە> دېگەن ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئىزاھلاپ <شەرق رۇسسوسى> دەپ نام ئالغان. <ئۈچ مەسنىڭ سىياسىي پىلانىدىن سوئال - جاۋاب>، <بىر يىلنىڭ يېرىمى بولىدۇ>، <بىر يېرىم يىلنىڭ داۋامى>، <لىشۆ ئىلمىنىڭ سىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.