UyghurMain Dictionary
فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ 1848 - يىلدىكى ئىيۇل سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىنقىلاب. ئىيۇل سۇلالىسى مەزگىلىدە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەر ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن، 1845 - 1846 - يىللىرى يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇل كېمىيىپ كەتكەن ۋە 1847 - يىلى كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي بوھران جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن. ئەسلى 1848 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زىياپەتنىڭ مەنئى قىلىنىشى ئىنقىلابنىڭ پىلتىسى بولغان. 22 - كۈنىدىكى پارىژ ئاممىسىنىڭ نامايىشى قوزغىلاڭغا تەرەققى قىلىغان. 24 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار ئوردىغا باستۇرۇپ كىرگەن، پادىشاھ لۇئى فىلىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، لامارتىن باشچىلىقىدىكى 11 باشلىق ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. 25 - كۈنى جۇمھۇرىيەت، يەنى فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىمقى بۇرژۇئازىيەنىڭ دېموكراتىك خاراكتىردىكى ئىنقىلابى ۋاقىتنچە غەلىبە قىلغان.