UyghurMain Dictionary
جابىر ئىبنى ھاييان
دۇنيا تارىخى
(ⅤⅢ - Ⅸ ئەسىر) ياۋروپالىقلار گېبېر دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب خىمىيە ئالىمى. ئۆمۈر بويى ئالخىمىيە تەتقىق قىلغان. ئەرەب خىمىيە ئالىمى. ئۆمۈر بويى ئالخىمىيە تەتقىق قىلغان. تەجرىبىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دېستىللەش، سۇبلىماتسىيە، سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە كرىستاللاشتۇرۇش قاتارلىق تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ، خىمىيە نەزەرىيىسى ۋەئەمەلىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ. بارلىق ئېلېمېنتلار گۇڭگۇرت بىلەن سسىمابنىڭ خىمىيىلىك بىرىكمىسى، ھەر خىل ئېلېمېنتلاردا گۈڭگۈرت بىلەن سىمابنىڭ نىسبىتى ۋە ساپلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، دەپ قارىغان؛ سىرلىق ماددىلارنى ۋاستىچى قىلىش ئارقىلىق قوغۇشۇن، قەلەي، مىس ۋە تۆمۈر قاتارلىق ئادەتتىكى ئېلېمېنلاترنى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش قىلىپ تاۋلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باققان. ھاييان تۈزىتىش كىرۈزگەن ئارىستوتېلنىڭ ئېلېمېنتلار تەركىبى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ⅩⅤⅢ ئەسىرگىچە تارقىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <شەرق سىماپى> قاتارلىق كىتابلىرى بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپا خىمىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.