UyghurMain Dictionary
خىمىيىۋى قوراللار
يادرو ۋە بىئو قوراللار
1915 - يىلى، گېرمانىيە ئارمىيىـسـى جـەڭ مـەيـدانـىـدا بىرىنچى بولۇپ خىمىيىۋى ياراغ ئىشلەتتى.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلـىـدە، فـاشـىـسـت گېرمانىيىسى كۆپلەپ زەھەرلىك دورىلارنى ئىشلـىتىـپ، سـانـسـىـزلـىـغـان ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنسانلار ئالدىدا كەچۈرگىسىز جىنايەت ئۆتـكـۈزدى. ياپون جاھانگىرلىرى جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا1600 قېتىمـدىـن ئارتۇق زەھەرلىك ماددا ئىشلىتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىـغـا قـارشـى تـۇرغـان ئارمىيە ۋە خەلقىمىزنى ۋەھشىيانە قىرغىن قىلدى.
خىمىيىۋى زەھەرلىك ماددىلار، زەھەرلەش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسـەن، نـېـرۋا خاراكتېرلىك زەھەرلىك ماددا، چىرىتىش خاراكتېرلـىـك زەھـەرلـىـك مـاددا، پۈتۈن بەدەننى زەھەرلىگۈچى زەھەرلىـك مـاددا، ئىـقـتـىـدارىـدىـن مـەھـرۇم قىلغۇچى زەھەرلىك ماددا، تۇنجۇقتۇرغۇچى زەھەرلىك ماددا ۋە قوزغاتقۇچـى زەھەرلىك ماددىدىن ئىبارەت ئالتە خىلغا ئايرىلىدۇ.
جەڭ مەيدانلىرىدا ئەڭ دەسلىپىدە ۋاقىتلىق ياش ئاققۇزغـۇچـى گـرانـات، يـاش ئاقـقـۇزغـۇچـى گراناتا، ياش ئاققۇزغۇچى بومبا قاتارلىق زەھەرلىك بومبىلار ئىشلىتىلگەن. كـېـيـىـن يـەنـە خـىـمـىـيـىـۋى ئاۋىئاتسىيە بومبىسى ۋە ئايـروپـىلاندا چېچىش ئۈسكۈنىـسـى بـارلـىـقـقـا كـەلـدى. خىمىيىۋى زەھـەرلىـك مـاددىلار جـەڭ مـەيـدانـىـغـا ئۈچ خـىـل ئۇسۇلـدا چېچىلىدۇ، بىرىنچى، پارتلـىـتـىـش ئۇسـۇلى؛ ئىـكـكـىـنـچـى، قـىـزىـتـىـپ ھورلاندۇرۇش ئۇسۇلى؛ ئۈچىنچى، چېچىش ئۇسۇلى. زەھـەرلـىـك مـاددا ئۈچ خىل ئۇسۇلدا چېچىلغاندىن كېيىن، ئائېروزول، ھور، تامچـە ۋە مىكرو پاراشوك ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنى زەخىملەندۈرىدۇ. ھـازىـر ھـەرقـايـسـى ئەل ئارمىيىلىرى تۈرلۈك شەكىللەردىكى زەھەرلىك بومبىلار بىلـەن قـوراللانـدى، بىراق خەلقئارا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار خىمىـيـىـۋى ياراغلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى.