English→UyghurMain Dictionary
Kwa
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كۋالار
كۋالار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن غەربىي ئافرىقا گۋىنىيە قولتۇقى ئەتراپىدىكى كوتېدىۋا، گانا، توگو، بېنىن، نىگېرىيە ۋە كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 52 مىليون 145 مىڭ.
كۋالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، كۋالار مىللەتلەر گۇرۇھىغا تەۋە مىللەتلەر ئىچىدە نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغانلىرى ئېۋنوبا ۋە ئىبولاردىن ئىبارەت؛ نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىرى ئاگانلار، ئېدولار، ئىۋېلار (فۇنلار)، نوبېلار، ئىدژولار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا غەربىي ئافرىقىدىكى بەش دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەتلەر بولۇپ شەكىللەنگەن.
كۋالار ياۋروپالىقلار بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن ئاسانتى، ئوبۇ، داھومىيە، بېنىن، نۇپې قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان.
غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قول سودىسى ۋە تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇزاق ۋاقىت كۈرەش ئېلىپ بارغان.
كۋالار ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان.
ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.