—Reference
چاڭشۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چاڭشۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گۇۋۇ دەپ ئاتالغان، غەربىي جىن سۇلالىسى خەييۈ ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان، جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى لياۋ سۇلالىسى ۋاقتىدا چاڭشۇ دەپ ئاتالغان، تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيان ناھىيە مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان. قەدىمكى شەھەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۆزگىچە، شەھەرنىڭ ئىچىدە چىنچۇەن دەرياسى بار، غەربىي شىمالىدا يۇشەن تېغى بار بولۇپ، كىشىلەر «ئون چاقىرىملىق يېشىل تاغنىڭ يېرىمى كىرىپ تۇرغان شەھەر» دەپ تەرىپلىشىدۇ. ھازىر يۇشەن تېغىدا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېپىلنىڭ قالدۇق ئىزلىرى بار، شەھەر كوچىلىرى ئاساسەن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇڭيۇڭ قەبرىسى، ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ يەنزى قەبرىسى، جەنۇبىي سۇلالىلەردىكى لياڭ سۇلالىسى شاھزادىسى جاۋ مىڭنىڭ كىتاب ئوقۇش پەشتىقى، جەنۇبىي چى سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىڭفۇ ئىبادەتخانىسى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاسا مۇنار، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كاتتا رەسسام خۇاڭ گۇڭۋاڭنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. يۇشەن تېغىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭدا جيەنمېن ئاجايىپ تاشلىرى، ۋېيمو ئىبادەتخانىسى، شىنفېڭ شىپاڭى قاتارلىقلار بار.