Chinese→UyghurMain Dictionary
李氏朝鲜
دۇنيا تارىخى
لى فامىلىلىكلەر چاۋشيەنى
چاۋشيەن فېئودال خاندانلىقى. لى چېڭكۇي قۇرغان بولۇپ، 27 ئەۋلاد، 519 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. 1392 - يىلى لى چېڭكۇي كورىيە سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گوڭراڭنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولغان. ئىككىنچى يىلى دۆلەت نامىنى چاۋشيەنگە ئۆزگەرتكەن. 1394 - يىلى پايتەختنى خەنياڭ (ھازىرقى سېئۇل) غا يۆتكەپ كەلگەن. ئۇنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىدە، شىمالدىكى چېگرىسى يالۇجياڭ ۋە تۇمانگان دەرياسى قىرغاقلىرىغا قەدەر كېڭىيىپ بارغان. ئۇ، يەرگە قارىتا، دۆلەت ئىگىدارچىلىق (جامائە يېرى) ۋە مەرتىۋە يەر قانۇنى (خۇسۇسىي يەر) تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان. 1471 - يىلى <دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بۈيۈك قانۇن> نى ئېلان قىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشكەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. يەنى دۆلەتنىڭ مەركىزىي ئەڭ ئالىي ئورگىنى مەسلىھەتچىلەر ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئالتە ۋازارەت (ئالتە پىرقە) تەسىس قىلغان، مەركىزىي ئاپپاراتتا پەرمان مەھكىمىسى بولغان؛ ھەربىي ئاپپاراتتا ئۈچ ھەربىي مەھكىمە (كېيىن بەش مۇداپىئە باش تۇتۇق مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) تەسىس قىلغان؛ خۇسۇسىي ئارمىيىنى بىكار قىلىپ، مەھكىمە ئارمىيە تۈزۈمىنى يولغا قويغان، <ھەربىي كېپىللىك تۈزۈمى>نى تەسىس قىلپ، <ھەربىي رەخت سېلىقى> ياكى <كېپىللىك رەخت سېلىقى> يىغىۋېلىپ بۇنى ھەربىي مالىيە خىراجەت مەنبەسى قىلغان. 1407 - يىلى <چېتىلما كېپىللىك تۈزۈمى> نى (كېيىن <بەش ئائىلىنى چېتىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى> دەپ ئاتالغان) يولغا قويغان. 1413 - يىلى <نام - نىشان قانۇنى> نى يولغا قويغان. ئۇ، كۇڭزى - جۇزىچىلىقنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مەكتەپ ئاچقان. مىس مىخ مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، ھەرخىل كىتابلارنى بېسىپ تارقاتقان؛ 1443 - يىلى چاۋشيەن يېزىقىنى (<ئۆلچەملىك پۇقرا ئەدەبىي تەلەپپۇزى>، <تەمسىل يېزىقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۈزۈپ چىققان. سىرتقا نىسبەتەن سۇسىماغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، ياپون پاكارلىرى كەلتۈرۈۋاتقان ئاپەتنى تۈگەتكەن. جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. ⅨⅩ ئەسىرگە كەلگەندە فېئودال مۇناسىۋەتلىرى يىمىرىلىپ، كاپىتالىزم بىخ سۈرۈشكە باشلىغان، سىنىپىي زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭى داۋاملىق پارتلاپ تۇرغان. 1876 - يىلى ياپونىيە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ، <چاۋشيەن - ياپونىيە ئىناق ئۆتۈش نىزامى> (كاڭخا شەرتنامىسى<)نى ئىمزالاشقا مەجبورلاپ، چاۋشيەننىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىلگرى - كېيىن بولۇپ، چاۋشيەننى ئەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبورلاپ، مىللىي كرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۋەتكەن. فېئودالىزمغا، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش پەيدىنپەي يۇقىرى ئۆرلەپ بارغان. 1894 - يىلى جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر چىقىرىپ مۇداخىلە قىلغان، ياپونپەرەس ھۆكۈمەت قۇرۇپ، جياۋۇ ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان. روسىيە - ياپونىيە ئۇرۇشىدا ياپونىيە چاۋشيەننى ئىشغال قىلىۋېلىپ، لى سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى >كورىيە - ياپونىيە توختامنامىسى< (1904) ۋە >يىسى ھامىيلىق شەرتنامىسى< (>كورىيە - ياپونىيە كېلىشىمنامىسى<> 1905 - يىلى ) نى قوبۇل قىلىشقا مەجبورلاپ، چاۋشيەننى ياپونىيەنىڭ ھامىي دۆلىتىگە ئايلاندۇرۋالغان. 1905 - يىلى ياپونىيە سېئولدا باش نازارەت مەھكىمىسى (كېيىنكىسى چاۋشيەن باش ۋالىي مەھكىمىسى)نى قۇرغان، 1907 - يىلى ياپونىيىلىكلەر گاۋزۇڭنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە مەجبور قىلغان ھەمدە <دىڭمۇ يەتتە ماددىلىق شەرتنامىسى>، <كورىيە - ياپونىيە يېڭى كېلىشىمى>نى ئىمزالاشقا مەجبورلاپ، چاۋشيەن ئارمىيىسىنى تارقىتىۋەتكەن. 1910 - يىلى <كورىيە - ياپونىيە بىرلىشىش شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبورلاپ، چاۋشيەننى يۇتۇۋالغان. لى فامىلىلىكلەر چاۋشيەنى شۇنىڭ بىلەن مۇنقەرز بولغان.