UyghurMain Dictionary
قەسىدە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىراۋنى ماختاپ، مەدھىيلەپ يازغان شېئىر، مەدھىيە:
ئوقۇپ بىر قەسىدە چۇ باغقە قاراپ،
ئىشىتتى بۇ سۆزنى ئاتاسى ماراپ.
ئا. نىزارى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لىرىك ژانىرلارنىڭ بىر خىلى، بۇ خىل ژانىر مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر ۋە مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە تەنتەنىلىك ئۇسلۇبتا يېزىلىدۇ. كلاسسىك ئەدەبىياتتا تەبىئەت مەنزىرىلىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە باشقىلار ھەققىدىمۇ قەسىدىلەر يېزىلغان. مەلۇمكى، رۇداكى (10 - ئەسىر) نىڭ قەسىدىلىرى شۇنىڭ ئوبدان نەمۇنىسىدۇر.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەسىدە ژانىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىغا بىر نەچچە قەسىدىسىنى كىر گۈزۈپ مىراس قالدۇرغان. ئۇنى قەسىدە ژانىرى ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە ناۋايى ھەم سەككاكى قاتارلىق شائىرلارمۇ قەسىدە ژانىرىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلار ئۆز قەسىدىلىرىدە خەلق ۋە ئەل - يۇرت ھەققىدىكى پىكىر ۋە ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا «تۆھپەتۇل ئەفكار» (پىكىرلەر سوۋغىسى) ناملىق قەسىدىسى پەلسەپىلىك قەسىدىدۇر.
قەسىدە شەرق ئەدەبىياتىدا - تاجىك، ئىران، ئەزەربەيجان ۋە باشقا خەلقلەر ئەدەبىياتىدا كەڭ تارقالغان ژانىر.
جەمىئيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قەسىدىلەرمۇ رېئالىستىك تۈس ئېلىشقا يۈزلەندى. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ياخشى قەسىدىلەر مەيدانغا كەلدى. ت . ئېلىييېۋنىڭ «گۇڭچەنداڭ ھەققىدە قەسىدە» (1951 - يىل) ۋە ئابدۇشۈكۈر مەمتمىننىڭ «قەشقەر ھەققىدە قەسىدە» ناملىق ئەسەرلىرى بۇ ئەنئەنىنى زامانغا تەتبىق قىلغان ياخشى قەسىدىلەر ھېسابلىنىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شېئىر، نەزمە؛ مەدھىيە، بىراۋنى، ماختاپ يازغان شېئىر، غەزەل، كۈيلۈك سۆزلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كىشى، تەشكىلات، ۋەقەنى ماختاپ يازغان شېئىر ياكى ئېيتقان سۆز.
ئۆزىگە مەدھىيە ئوقۇغاننىڭ تىڭشىغۇچىسى ئۆزى. ئۇ پارتىيىگە ئاتاپ قەسىدە يازدى. بىلىملىك كىشى جاھاننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مەدھىيە، مەرسىيە ياكى دىداكتىك مەزمۇندىكى شئىرىي ژانىر ۋە شۇ ژانىرغا مەنسۇپ شېئىرنىڭ ئۆزى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەدھىيە