Uyghur→ChineseMain Dictionary
بوندېتاگېت
دۇنيا تارىخى
邦德特耶特
bāng dé tè yē tè
شۋېتچە Bondetaget نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. دېھقانلار نامايىشى دەپمۇ ئاتىلدۇ. 1914-يىلى 6-فېۋرالدا ستوكھولمدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسىي خاراكتېرلىك نامايىش. ئۇنو نىبېرگ بىلەن فرىك بېرگ ئۇپسالادا قوزغىغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ستاۋ كاربىېتىنى ئارمىيىنى قىسقارتىشىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. قاتناشقانلار 32 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلاردىن سىرت، يەنە باشقا تەبىقىدىكى زاتلارمۇ بولغان. بۇ، كورۇل بىلەن ستاۋ كابىنېتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. نەتىجىدە، ستاۋ كابىنېتى شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى خامارسكى جولد كابىنېت تەشكىللەپ، نامايىش غەلبىلىك ئاياغلاشقان.