UyghurMain Dictionary
ئۆزلەشتۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئۆزلەشمەك> پېئىلىنڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
دەرسنى ئۆزلەشتۈرمەك. بىلىمنى ئۆزلەشتۈرمەك. بوز يەر ئۆزلەشتۈرمەك.
باشقىلارنىڭكىدىن پايدىلىنىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ چىقماق، باشقىلارنىڭكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ قىلماق.
ئۇلار يەنە چوڭ - كىچىك ئوپېرا - درامىلاردىن <گۈلنىسا>، <غۇنچەم>، <ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمۇ؟>، <مەسلىھەت چېيى> قاتارلىقلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئوينىدى.