UyghurMain Dictionary
ئاپا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تۇغقان، بالىلىق بولغان ئايال؛ ئەڭ قەدىرلىك نەرسىگە تىمسال.
«ئىنە» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «ۋالىدە» كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئىستېمالدىن قالغان، ئارخائىزم.
ئانا مەكتەپ. ئانا ۋەتەن. ئانا تىل. ئانا يېتىم _ گۈل يېتىم، ئاتا يېتىم _ كۈل يېتىم. ئاناڭغا رەھمەت. ئانا كۆرۈپ قىز ئال. ئانا ئايىغىدا جەننەت بار. تاپقان ئاناڭ ئەمەس. باققان ئاناڭ. ئانا بىر قولى بىلەن ئۇرىدۇ، بىر قولى بىلەن كېپەككە ساتىدىكەنمەن. ۋالىدە ۋالىيدىن چوڭ، ۋەلىدىن ئۇلۇغ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ھەدە، ئاچا، ئىگىچە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەدە، ئاچا، قىز بىر تۇغقان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بالىلىق ياكى بالىسى بار ئايال: ئانا.
ھۈرمەت يۈزىسىدىن ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئايىمخان ئاپا.
ئۈچىنچى شەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا بەزى ئەرلەرنىڭ ئۆز خوتۇنىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاپىسى! بالىلار كۆرۈنمەيدۇغۇ؟
قورقۇش، چۆچۈشنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق رولىدا كېلىدۇ.
ئۆينىڭ ئىچىدە بىر قىزنىڭ <ئاپا!> دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ھەدە، ئاچا