UyghurMain Dictionary
ئىران خەلق جىھادچىلىرى تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىراندىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئىرانلىق ئۆلىما ئەلى شەرىئەت (1933 - 1977) رەھبەرلىك قىلدى. 60 - يىللاردا ئىراندىكى <ئەركىنلىك ھەرىكىتى> نى قوللىغان ياشلار ئاساسلىق ئەزاسى بولدى. ئۇلار پەھلەۋى سۇلالىسىنىڭ زوراۋانلىق بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان، ئەركىن، دېموكراتىك، باراۋەر جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇزۇنغىچە مەخپىي يۈرۈپ، 1979 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ ئاشكارا پائالىيەت قىلىشقا ئۆتتى. سىياسىي كۆز قارىشى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىسلام جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن ئوخشاش بولمىغاچقا، 1980 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ يەنە يوشۇرۇن پائالىيەتكە كۆچتى.