English→UyghurMain Dictionary
Kabre
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كابرېلار
كابرېلار توگودا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <تېم>، <كائۇرې>، <كوبورې> ۋە <بىكابۇرۇم> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
كابرېلار شىمالىي توگونىڭ يايلاق رايونى بىلەن ئوتتۇرا قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى (10 پىرسەنتى) بېنىن ۋە گانا قاتارلىق قوشنا ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، توگو جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئىككىنچى ئاساسلىق مىللەت ھېسابىلىنىدۇ.
كابرېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ۋولت تىل تارمىقىغا تەۋە كابرې تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار.
كابرېلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئاز بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرى ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ.
كابرېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا قوناق، تېرىق، كۆممىقوناق ۋە تارو (بىر خىل ياڭيۇغا ئوخشاش زىرائەت) قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىق كالا - قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. كابرېلار ئۆز ئىچىدە دىفالېلار، دۇمپاگولار، لوگبالار، مانگانا پولار، نامبالار ۋە تامبىرمالار قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە پاترىئارخاللىق (ئاتا جەمەت) تۈزۈمى ساقلانغان بولۇپ، ئۆي - جاي، مال - مۈلۈككە ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلىنىپ ۋارىسلىق قىلىنىدۇ.
كابرېلارنىڭ ئەڭ ئېسىل غىزاسى پۈتۈن قوي كاۋىپى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە ئەزىز مېھمانلىرىنى كۈتىۋالىدۇ. كابرېلار ياتلىق قىلىنغان قىزلارنىڭ ھەر يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پاكلىنىش تېشىغا ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە قىزلارنىڭ قىزلىقىنى سىناش ياكى ئايرىش مۇراسىمى بولۇپ، بۇ كۆپ ھاللاردا ياتلىق بولغان ھەم پەرزەنت كۆرگەن ئاياللارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىلىرى توي مەرىكىسى ۋاقتىنى كېڭىشىپ بەلگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە ھەر يىلى 11 - ئاي مەزگىلىدە يەنى كامو ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
كابرېلارنىڭ مېيتنى دەپنە قىلىش ئادىتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ئۆلۈمنى جىسمانىي جەھەتتىكى غايىىپ بولۇش، روھىي جەھەتتىكى قايتا تۆرىلىش دەپ قارايدۇ. شۇڭا مېيتنى كېپەنلەپ، داقا - دۇمباق ساداسى ئىچىدە يەرلىككە ئاپىرىدۇ، ھەرگىز يىغا - زارە قىلمايدۇ ھەمدە مېيتنى يالىڭاچلاپ يەرلىككە قويىدۇ، قەبرە بېشىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مەرھۇمنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.
كابرېلار ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش بايرىمى چېلىشىش بولۇپ، بۇ ھەر يىلى 7 - ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كابرېلار ئەھۋالغا قاراپ بەزى جايلاردا ئۈچ يىلدا، بەزى جايلاردا بەش يىلدا بىر قېتىم خابىي ئۇسسۇلى بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ بايرام ئادەتتە 11 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ بايرامغا ئاياللار قاتناشتۇرۇلمايدۇ.