Chinese→UyghurMain Dictionary
洞室墓文化
دۇنيا تارىخى
ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىدىكى برونزا دۋر مەدەنىيىتى. تىك ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتىنىڭ بىۋاستە تەسىرى بىلەن راۋاجلانغان بىر خىل مەدەنىيەت. دېنپىر دەرياسى بىلەن ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلاردا كەڭ تارقالغان. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يەر يۈزىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ قەبرە يولى كولانغان، ئارقىدىن قەبرە يولىنىڭ بىر تەرىپىدىن توغرىسىغا بىر ئۆڭكۈر كولىنىپ، قەبرە ھۇجرىسى قىلىنغان، مېيىت تىزلىرى پۈكۈلگەن ھالدا ئادەتتە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتقۇزۇلغان، مېيتقا قىزىل رەڭ چېچىلغان. قەبرىگە يەنە دەپنە بۇيۇملىرىدىن گېئومېتىرىك نەقىشلەر، نەقىشلىك ساپال بۇيۇملار، تاشتىن ياسالغان قورال - سايمانلار، برونزىدىن ياسالغان تىغلىق سايمانلار (قەدىمكى تىپىك برونزا قوراللاردىن يوپۇرماق شەكىللىك خەنجەر ۋە قەلەمتىراش قاتارلىقلار) ھەمدە سۆڭەك ۋە برونزىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى قويۇلغان. بۇ جايدىكى خەلق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ دەۋر مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ مىڭىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى مىڭىنچى يىلنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.