UyghurMain Dictionary
سېئول شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە چاۋشيەننى مەجبورلاپ ئىمزالىغان شەرتنامە. 1844 - يىلى 12 - ئايدا جياشېن سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە ئىنوئۇيې كائورۇنى تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ، زور قوشۇن بىلەن چاۋشيەنگە تەھدىت سېلىپ 1885 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، سېئولدا مەزكۇر شەرتنامىنى تۈزگەن. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمونى: چاۋشىيە ياپونىيەدىن <كەچۈرۈم سوراش>، 110 مىڭ يىن تۆلەم تۆلەش؛ قاتىللارنى جازالاش؛ ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇش خىراجىتى ئۈچۈن 20 مىڭ يىن بېرىش؛ ياپونىيە ئەلچىخانا مۇھاپىزەتچىلىرى ئەترىتىنىڭ گازارما قۇرۇش ھوقۇقى بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.