UyghurMain Dictionary
قوشماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
جۈپ.
قوشماق ئاداش، قوشماق بالا. * قوشماق مېغىز. * شەرەپ بىلەن غەلبە بۇ تۇغقان قوشماق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
بىرلەشتۈرمەك، بىرىكتۈرمەك, («قوش» نىڭ ھەرىكەتنامى) .
قوشماق تەس، ئايرىماق ئاسان. * ئىككى باشنى قوشماق ساۋاب، ئايرىماق گۇناھ (ماقال) .
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئات - ئۇلۇغنى قوش، ھارۋا، چانا... غا تىركىمەك.
چىقارماق
ئات - ئۇلاغنى قوش، ھارۋا، چانا... دىن بوشاتماق.
سەن قوشۇشقا باشلىساڭ، ئۇ تېپىشكە باشلايدۇ. يامان ئادەمنى يولغا سالماق - چوشقىنى ھارۋىغا قاتماق. مۈشۈكنى ھارۋىغا قوشساڭ، كاڭغا سۆرەيدۇ. قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە سالدى. ئاتنى ھارۋىدىن چىقىرىپ قاڭتۇرۇپ قوي.
شىۋىلەر
جۈپ؛ قوشكىزەك؛ بىر خىل ئويۇننىڭ نامى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قوشماق، باغلىماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئايرىماق، قارشى تۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئوپمۇئوخشاش بىر جۈپ؛ بىر - بىرىگە چاپلىشىپ تۇرغان بىر جۈپ.
قوشماق مېغىز. قوشماق نەشپۈت.
كۆچمە. مۇناسىۋىتى بەك يېقىن، ئايرىلماس، جانجىگەر، ئۆزئارا ۋاپادار.
قوشماق ئاداش بولماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<مات> قوشۇش ئەمىلىنى بېجىرمەك؛ جەملىمەك، جەم قىلماق.
بىرگە ئىككىنى قوشسا نەچچە بولىدۇ؟
بىرەر نەرسىگە باشقا بىر نەرسىنى ئارىلاشتۇرماق ياكى سالماق.
سۈتكە سۇ قوشماق.
پارچە - پارچە، ئالاھىدە مۇستەقىل بولغان نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلماق، بىرلەشتۈرمەك.
قوشماق تەس، ئايرىلماق ئاسان (ماقال).
كۆچمە. تەقدىم قىلماق، بېغىشلىماق، چىقارماق، سەرپ قىلماق.
تۆھپە قوشماق.
ئاشۇرماق، كۆپەيتمەك، ئارتتۇرماق.
خۇشاللىق قوشماق.
سالماق، چىقارماق (مەبلەغ، دەسمايە قاتارلىقلار ھەققىدە).
مەبلەغ قوشماق.
كۆچمە. قوشۇمچە قىلماق؛ قىستۇرماق (پىكىر، گەپ - سۆز ھەققىدە).
گەپ قوشماق.
ئات، ئېشەك قاتارلىق ئەمگەك ھايۋانلىرىنى ھارۋا، قوش، چانا قاتارلىق ئەمگەك ياكى قاتناش بۇيۇملىرىغا بەلگىلىك قائىدە بويىچە جايلاشتۇرماق، تىركىمەك، قاتماق.
ئاتنى ھارۋىغا قوشماق.
توقۇماق، ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئوقۇماق، يازماق، تۈزمەك (قوشاق - نەزمىلەر ھەققىدە).
قوشاق قوشماق.
بىرگە ئىشلەش، بىرگە ھەرىكەت قىلىش ياكى ھەمكارلىشىش، ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن بەلگىلىمەك، ماڭدۇرماق؛ ھەمراھ قىلماق، شېرىك قىلماق.
ماقۇل كۆرسەڭ كارۋانلارغا قوشۇپ قوياي، بىللە كەتكىن.
ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقۇزماق، مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىلماق، بىر ياستۇققا باش قويدۇرماق، ئەر - ئايال قىلماق.
تەقدىر بىزنى بىر يەرگە ئەكېلىپ بىر - بىرىمىزگە قوشۇپ قويدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
قوشماق تۇغۇلغان، قوشماقنىڭ ھەرىيى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قوشماق، بىر جۇپ، قوشكېزەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قوشماق، بىر جۈپ، قوشگېزەك.
Rate this entry